ئومۇمىي خەلق چېنىقىشى-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ساغلاملىق ئاساسى سالماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:07

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 8-ئاۋغۇست-ئېلىمىزنىڭ ئونىنچى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق كۈنى شۇنداقلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى. بارغانسېرى بۇنىڭغا كۆپ قاتنىشىۋاتقان كىشىلەر توپى-ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك جەلپكارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، كۈنسايىن قىزغىنلىققا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى-بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىۋاتقان كۆتۈرەڭگۈ دەۋر كەيپىياتىنى خاتىرىلىدى.

«يېڭى دەۋردىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى قوزغايلى» دېگەن پائالىيەت 8-ئاۋغۇست پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى. بۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەيدانى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسى بولدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2022 ئاھالىسى 9-يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسىنى تەڭ ئويناپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا قاتنىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى. خېبېينىڭ خەندەن، سەنشىنىڭ لۈلياڭدا، تەيجى گۇمپىسى ھەۋەسكارلىرى چامباشچىلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سېھرىي كۈچىنى كوللېكتىپ نامايان قىلدى. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 3500 قېتىمدىن ئارتۇق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 90 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

تەنھەرىكەت-شىپالىق دوختۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى-پۈتۈن خەلقنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ، ساغلام تۇرمۇشنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى دەپ تەكىتلىدى. «تەنھەرىكەت-تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېگەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قارىشى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. مەيدان ئۇسسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇملاشتى. بۇ يىل مەيدان ئۇسسۇلىدا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى، ئۇسسۇل شەكىللىرى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى. كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ساغلام تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

تەنتەربىيە-ياشلىق باھارى، ساغلاملىق، ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەربىيەنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىجابىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

پۇقرالارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، ھەر قايسى جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. فۇجۇ شەھىرى پىيادىلەر يولىنى باغچىلار بىلەن بىرلەشتۈردى، ھەر كۈنى 20 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە پىيادە مېڭىپ چېنىقتى. ئەنئەنىۋى ئەجدىھا قېيىقمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چېنىقىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. جۇڭخۇا ئەجدىھا قېيىق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن بۇيان، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەجدىھا قېيىق ھەرىكىتىگە قاتناشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر يىلى 500 مەيداندىن ئارتۇق ئەجدىھا قېيىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىككى ئەجدىھا قېيىق كوماندىسى يەنە مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەجدىھا قېيىق تۈرىگە قاتنىشىشقا تاللاندى.

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرى بىر مىليون 957 مىڭدىن ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 1.66 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا دائىم قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ سانى 400 مىليونغا يېقىنلىشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %34 تىن ئېشىپ، 2007-يىلىدىكىدىن ئالتە پوئېنتقا يېقىن كۆپەيدى.