سودا مىنىستىرلىقى:ئامېرىك جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجى ئېلىش ناھايىتى يولسىزلىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:10

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 8-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ جۇڭگو ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىدىغان 16مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتتىن %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆز قانۇنىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئۈستىگە قويغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ناھايىتى يولسىزلىق. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش ئۈچۈن جازاغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 16مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتتىن %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى ھەمدە بۇنى ئامېرىكا بىلەن تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇشنى قارار قىلدۇق.