«2018-يىللىق كارخانىلارنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:11

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا «2018-يىللىق كارخانىلارنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»نى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ، كارخانا قەرز خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «مۇردا كارخانىلار»نىڭ قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئالتە چوڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى بەش تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «2018-يىللىق كارخانىلارنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالدى بىلەن كارخانا قەرز خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو خەينەن ئىسلاھات تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد ئورنىنىڭ باشلىقى كۇاڭ شىيەنمىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: پىشاڭسىزلاشتۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورناتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، باشقا كونكرېت تەدبىرلەرنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش ئاددىي ھالدىكى ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ تۈزۈلمە مېخانىزمى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، پىشاڭسىزلاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق مەسىلە- سىياسەتنى تەڭشەش داۋامىدىكى يۇقىرى پىشاڭ مېخانىزمى مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش.

«خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇردا كارخانىلار»نىڭ قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى يەن پىڭچىن يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇ قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇردا كارخانىلار»غا قان يەتكۈزۈشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىياسەت جەھەتتە 2016-يىلى 10-ئايدا گوۋۇيۈەن « كارخانىلارنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى پائال مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: «مۇردا كارخانىلار»نىڭ بازارلاشقان قەرزىنى پايغا ئايلاندۇرۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ ئېنىق ھالدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۆۋەنلىتىلگەن مەبلەغ «مۇردا كارخانىلار»غا ئىشلىتىلمەيدۇ. مېخانىزم جەھەتتە، بىز بازارلاشقان ۋە قانۇنچىللاشقان پىرىنسىپنى يادرو قىلغان بىر يۈرۈش تۈزۈم تۇرغۇزۇپ، «مۇردا كارخانىلار» ۋە بازاردىن چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىك كارخانىلارنىڭ قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، «خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»دا: قوشۇۋېتىپ قايتىدىن تەشكىللەش قاتارلىق باشقا پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش يۈرۈشلۈك سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.