مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئۆرلىگەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:15

 دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئۆرلەپ، ئېشىش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2پوئېنت كېڭەيگەن.

ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى شەكىللەندۈرىدىغان سەككىز تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆرلىگەن. شۇ ئايدا، يېمەكلىك، ھاراق،تاماكا باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئۆرلەپ، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ تەخمىنەن 0.31 پوئېنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. باشقا يەتتە تۈرنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆرلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش، تۇرالغۇ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا%4.6، %3، ۋە %2.4 ئۆرلىگەن. مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش %2.3، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسى %1.6 ئۆرلىگەن، كىيىم-كېچەك، باشقا بويۇملار ۋە مۇلازىمەت باھاسى %1.2 ئۆرلىگەن.

سېلىشتۇرما نىسبەت بويىچە قارىغاندا، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %0.3 ئۆرلىگەن، ئاساسلىقى يېمەكلىكتىن باشقا ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.