كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى بېجىرىش مۇددىتى قىسقارتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:17

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى بېجىرىش مۇددىتىنى قىسقارتىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزدى. بەش يىل ئىچىدە، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىن باشقا تىزىملاش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە بارلىق شەھەرلەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى ئادەتتىكى تىزىملىشى 15 خىزمەت كۈنىگە، رەنىگە قويۇپ تىزىملاش كەسپى ۋاقىت جەدۋىلى يەتتە كۈنگە قىسقارتىلىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، باج ئىشلىرى، سودىدا «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش، بىللە بېجىرىش» يولغا قويۇلىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەر قانداق ئالدىن تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، مەيلى نىمكەش سودىسى توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرگەن ياكى بېجىرمىگەن بولسۇن، سودىدا رەسمىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسىلا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى قوبۇل قىلىش، بېجىرىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش»نى يولغا قويغان شەھەر، ناھىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. «كىنىشكىلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى ئاۋارە قىلىۋاتقان «غەلىتە» ئىسپات، تەكرار ئىسپات قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنسىز ئىسپاتلار ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىدۇ. توردا بېجىرىش ئىشلىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاز دېگەندە ئىككى ۋىلايەت، شەھەر، 10 ناھىيە رايوندا «ئىنتېرنېت + كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش»نى يولغا قويىدۇ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت شەھەر، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى «ئىنتېرنېت + كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش» خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرغىچە تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ.