شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، ئۇلار بىردەك: «ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان» جەمئىيەت كەيپىياتىنى نۇرلاندۇرۇش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپلا قالماستىن، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ، دېدى.

جياڭشى ئۆلكىسىدىكى پەنياڭ كۆلى بويىغا جايلاشقان جىنشيەن ناھىيەلىك سەنياڭ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى چەت يىراق يېزىدا، يېزا ئوقۇتقۇچىسى نەن فېن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى يەتتە يىل بولدى، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېزىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت روناق تېپىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ئەزىزلەش كېرەك. مەن بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ زورلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇندىن كېيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، بوشاشماستىن تىرىشىپ، دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسى بولىمەن.

مائارىپ دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە چېتىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئېھتىرام مىللىي روھنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ھالدا ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن يۈكسەك باھا. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژېنېرى، بىلىم، ئىدىيە، ھەقىقەت تارقىتىدىغان، روھ، ھاياتلىق، يېڭى ئادەم يېتىشتۈرىدىغان دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان» دەپ قايتا تەكىتلىدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيخەي شەھىرى پۇتو يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ نانا: باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇپلا قالماستىن، ئېغىر ۋەزىپىسىنى ھېس قىلدۇردى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەتنىڭ بۇرچى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان، بىز ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا، جەمئىيەتكە ياخشى خىزمەت قىلىشىمىز لازىم.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن ئابلىزغا نىسبەتەن، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى بىر نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خەنزۇ تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە جانلىق ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىغا ئايلاندۇرىمىز.

ئوقۇتقۇچىلارغا روھ، ھاياتلىق، يېڭى ئادەم يېتىشتۈرۈش دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئەنخۇي ئۆلكىسى مائەنشەن شەھىرى خۇايۈەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى مائارىپ ئۇچۇرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى يىن شياۋچىڭ: زىممىمىزدە مۈشكۈل ۋەزىپە بار، جەزمەن جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، گۈزەل دەۋرگە يۈز كېلىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇندىن كېيىن ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي بىلىمىم ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەمنى ئىشقا سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلما ئىجادىي تەرەققىياتى» ئۈچۈن ئۆز كۆچۈمنى بېغىشلايمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «يۈز يىللىق پىلاندا مائارىپ ئاساس، مائارىپ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي ئورنى، كەسپىي ئورنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئىناۋەتكە ئىگە قىلىش لازىم، دەپ تەكىتلىدى. جەنۇبىي جياڭشى سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لى شياۋفاڭ: نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات يارىتىش ئىنتايىن زۆرۈر، دېدى.

ئۇ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى مائارىپقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ يۇقىرى. تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان بەزى رايونلاردا، مائارىپ ئاساسى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان جايلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلسا.