بۇ يىل 9-10-ئايدا ئۆي باھاسىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

8-ئايدىن بۇيان، قىزىق نۇقتىلىق رايونلاردا تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ دەل توغرا، جانلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى داۋاملىق كۆرۈلۈپ، مۇۋاپىق تۇرالغۇ تەلىپىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆي ھايانكەشلىكى داۋاملىق كونترول قىلىندى، قىسمەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆينى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى تولۇقلاپ يولغا قويۇلدى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ئۆي سودىسىغا چەك قويۇش قاتارلىق سىياسەتلەر يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ھەرقايسى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆينىڭ پۈتۈشۈش مىقدارىدا بۆلۈنۈش يۈزلىنىشى داۋاملاشتى.

جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات يۇرتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۆي بازىرىنىڭ پۈتۈشۈش مىقدارى سانلىق كۆرسەتكۈچىدىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدا بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە پۈتۈشۈش مىقدارى مۇقىم ئۆرلىگەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئارقا ئارقىدىن سىياسەت چىقىرىلىپ، ئۆي مۈلۈك بازىرىنى كونترول قىلىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان، ئۆي مۈلۈك بازىرىدا پۈتۈشۈش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، كەلگۈسىدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە بازار تەدرىجىي مۇقىم بولىدىكەن، بازاردا سودا تەدرىجىي پەسىيىدىكەن، 8-ئايدا ئۆي مۈلۈك بازىرىدا تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى يېرىم يىلدا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆي باھاسى بىرقەدەر تېز ئۆرلىگەن شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ تۈرتكىسىدە بېيجىڭ شاڭخەي قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسىدا نىسبەتەن مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلاش ئىنتايىن قىيىن بولۇشى مۇمكىن.