ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بېرى ئېلىمىزنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، شەھەرلەردە نوپۇس تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى داۋاملىق ئاشقان، شەھەر قىياپىتى يېپ يېڭى تۈسكە كىرگەن.

مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىز شەھەر بازارلىرىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 810مىليونغا يېتىپ، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 640مىليون، يەنى يىلىغا 16مىليون 440مىڭ كىشى كۆپەيگەن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر بازارلىشىش نىسبىتى %58.52گە يېتىپ، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 40.6 پوئىنت ئۆرلىگەن، يىلىغا 1.04 پوئىنت ئاشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىمىزدە شەھەر سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەر 661گە يېتىپ، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 468ئى كۆپىيىپ، 2.4 ھەسسە ئاشتى، شەھەرلەردە نوپۇس تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، نوپۇسنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، نوپۇس تەۋەلىكى كۆلىمى بويىچە ئايرىغاندا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 5مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە شەھەرلەر 16گە يەتكەن، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرى بۇنداق شەھەردىن پەقەت شاڭخەيلا بار ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەردە ئاممىۋىي مۇلازىمەت ۋە ئۇل ئەسلىھە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزدە پەقەت بېيجىڭ شەھىرىدىلا رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىسى بار بولۇپ، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 23.6 كىلومېتىر ئىدى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 32 شەھەردە رېلىسلىق قاتناش يولغا قويۇلدى، رېلىسلىق قاتناش بېكىتى 3040غا يەتتى، قاتناش لىنىيەسى 149 غا يەتتى، قاتناش لىنىيەسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4484 كىلومېتىرغا يەتتى، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە قاتنىغان ئاممىۋىي ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس 477مىڭغا، تاكسى 954مىڭغا يەتتى، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرى شەھەرلەردە قاتناۋاتقان ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس ئاران 17مىڭغا يېتەتتى.

دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، شەھەرلەردە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 424مىليون 620مىڭغا يېتىپ، 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 329مىليون 480مىڭ كۆپىيىپ، 3.5 ھەسسە ئاشقان، 2017-يىلى شەھەر بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىلىكىدىكى كىرىمى 363مىليون 960مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 1978-يىلىدىكىدىن 14.4 ھەسسە ئاشقان.