شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكقا يېتىپ بېرىپ، 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىلادىۋوستوكقا يېرىپ بېرىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى.

شۇ جاينىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىملاردا شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋىلادىۋوستوك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقتى، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق بىللە بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈيمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىراق شەرق، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ــ باش تېما قىلىنىدۇ، بۇ مەزگىلدە شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنداقلا جۇڭگو رۇسىيە ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت، يەرلىكلەر ئالاقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، شى جىنپىڭ يەنە مۇنبەرگە قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.