خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى ئىلگىرى ئېكولوگىيە مۇھىت مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيە مۇھىت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شيوڭئەن يېڭى رايونىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېكولوگىيە مۇھىت مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدىكەن.

تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونىغا قاراشلىق ئۈچ ناھىيەنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى قىلىنغان رايونى، شەھەر يېزا تۇتاشما رايونى، يېزىلارنىڭ مۇھىتى يوچۇق قالدۇرۇلماي ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىكەن؛ تۈرلۈك ئەخلەتلەرنى خالىغانچە تۆكۈش ، بۇلغىمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيلەشمەسلىك، قانۇنسىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىدا خالىغانچە بۇلغىما قويۇپ بېرىش، ئاشخانىلاردىن چىققان يۇندى ماينى يول بويىغا تۆكۈش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرمەي ئەتراپنى بۇلغاش، تارقاق قالايمىقان بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش، قاتناش تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىپ توپا چاڭ ۋە بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىدىكەن.