بۇ يىل جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 700 قېتىم قاتنىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇ يىلقى 700- قېتىملىق پويىزى شىنجاڭ جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى، بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىز ۋۇشىدىن ئالماتاغىچە بولغان نۇقتىدىن نۇقتىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، نېفىت ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق سانائەت بۇيۇملىرى بېسىلغان.

ئىگىلىنىشىچە،شىنجاڭ جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىككى يىلدا 1230 نۆۋەت پويىز قاتنىغان. قاتناش كۆلىمى دەسلەپكى بىر ھەپتىدە بىر نۆۋەت قاتناشتىن ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەت مۇنتىزىم قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى تاموژنا، سودا كارانتىن ۋە چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەيدان ۋوگزاللارنىڭ تەشكىللىنىشى، دۆلەت ئىچىگە قاتناش، چېگرا ئېغىزلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش قاتارلىق ھەر بىر ھالقىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت ۋاقتىنى قىسقارتتى. شىنجاڭ تۆمۈر يول خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: ئەسلىدە 2017-يىلى ۋۇشىدىن خورموس، ئالتېنگىردىن ئالماتاغىچە تۆت كۈن كېتەتتى، ھازىر 36 سائەتكە قىسقارتىلدى.

شىنجاڭ جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىش مەركىزى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ ، ئىتالىيەنىڭ نابۇلىس، گوللاندىيەنىڭ لوتىردان قاتارلىق 19 لىنىيەنى ئاچتى. بۇ پويىزلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ياۋروپادىكى 17 دۆلەتنىڭ 24 شەھىرىگە قاتناپ ، كۆپ نۇقتىلىق كۆپ يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى پويىز قاتناش قېلىپى شەكىللەندى.