ئالدىنقى يەتتە ئايدا سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تۆلەم چىقىمى 700 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،1-ئايدىن 7-ئايغىچە سۇغۇرتا كەسپى كىرىمى 2 تىرىليون 467 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.4 تۆۋەنلىگەن، تۆلەم چىقىمى 692 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.1 ئاشقان.

مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ خېيىم خەتەر كاپالەت ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغان، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈنسايىن كۈچەيگەن. ئالدىنقى يەتتە ئايدا سۇغۇرتا كەسىپنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كاپالەتنامىسى 15 مىليارد 758 مىليونغا يەتكەن ؛بۇنىڭ ئىچىدە مال تىرانسپورت سۇغۇرتا ئىمزا تالونى 2 مىليارد 799 مىليونغا ، مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى 3 مىليارد 759 مىليونغا ، كاپالەت سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 175 مىليونغا، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى 246 مىليونغا ،ساغلاملىق سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 507 مىليونغا، تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى 3 مىليارد 667 مىليونغا يەتكەن.