شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن جۇڭگو رۇسىيە يەرلىكلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-12 16:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 11 -كۈنى ۋلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىرى، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى،مەنپەئەتنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى- بىرلىكتە تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى پەسەيتىشكە، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى- جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

شى جىنپىڭ كەلگۈسى ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلەرنى ياخشى ئالاقە باغلاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا سودا مۇھىتى، تېخىمۇ قولايلىق ھەمكارلىق شارائىتى يارىتىپ بەرسەك. ئىككىنچى، ھەمكارلىق تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مېخانىزمىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارساق. ئۈچىنچى : ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەمكارلىشىشنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلساق. تۆتىنچى : ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنىڭ خەلق رايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشىنى مېخانىزملاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ياخشى تەسىر بېرىش ۋە ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئىلگىرى سۈرسەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 2018- ۋە 2019 - يىلىنى جۇڭگو - رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىلى قىلىشنى قارار قىلدۇق، يەرلىك ھەمكارلىق بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقى ئورۇنلۇق. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى جايلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشتەك بۇ چوڭ تورتىنى قوللاپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئوبلاست ۋەكىللىرى رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىدىن ئىبارەت بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە ئىچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق دېدى: يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئىككى دۆلەت يەرلىكلىرىنىڭ يېقىن ئىقتىساد سودا ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى » بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، جىلىن ئۆلكىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەسئۇللىرى ۋە رۇسىيە دېڭىز بويى چېگرا رايونى، خاباروۋىسكىي چېگرا رايونى، ئامور ئوبلاستى، يەھۇدىلار ئاپتونوم ئوبلاستى،ئارقا بايقال چېگرا رايونى، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى، ناۋگورود ئوبلاستى، ئېركۇتسىك ئوبلاستى، موسكۋا ئوبلاستى، سىۋېردلوۋسكى ئوبلاستى،ياروسىراف ئوبلاستى، تولا ئوبلاستى چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق 13 فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يىراق شەرق مەنزىرىسى كوچىسىغا يۈرۈپ كەتتى. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن يىراق شەرق مەنزىرىسى كوچىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردىكى ياش ئۆسمۈرلەر جۇڭخۇا چامباشچىلىقى ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئارقىدىن ئامور ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق رەسىم كۆرگەزمىسىنى ھەمدە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئامور ئوبلاستىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى كۆردى، خېيلۇڭجياڭ بىلەن ئامور ئوبلاستىنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى دوستانە ئالاقە ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارقىدىن بېلىق بازىرى بىلەن رۇسىيە ياشلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خۇشال ھالدا، شۇ جاينىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرىنى تەييارلاپ باقتى، يەنە ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.