2-نۆۋەتلىك 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى خەلقئارا تارقىتىش مۇنبىرى گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەيدە ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-12 16:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2-نۆۋەتلىك «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» جۇڭگو گۇاڭدوڭ خەلقئارا تارقىتىش مۇنبىرىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، مۇنبەر 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» جۇڭگو گۇاڭدوڭ خەلقئارا تارقىتىش مۇنبىرىدە« يېڭى دەۋر، يېڭى يىپەك يول، يېڭى ئوبراز» باش تېما قىلىنىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەردىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمى قاتارلىق مېھمانلار مۇنبەرگە ھەمدە ئالاقىدار باش تېمىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ باڭشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە گۇاڭدۇڭدا مۇنبەر ئۆتكۈزۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ئاخبارات نەشرىيات رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەي جې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە باش مۇنبەر، تارماق مۇنبەر، كارخانا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەدبىر نەتىجىلىرى كۆرسىتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاساسى ئېقىم تاراتقۇسى بىلەن خەلقئارا ئاساسى ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، گۇاڭدوڭ ئوبرازىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىرى كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.