لى جەنشۇ كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى ھەمدە چاۋشيەننىڭ جۇڭگو پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-12 16:41

جۇڭگوئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت كوممىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ئالدىراش تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدىمۇ ئىككى قېتىم بىز بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە شەرىپىمىزگە مەخسۇس ئەدەبىيات سەنئەت كۆرۈكى ۋە قارشى ئېلىش، كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇق مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ تۈرتكىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقى يېپ يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى، بىز چاۋشيەنلىك دوستلار بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىش ھەمدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

كىم جۇڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغان بۇ مۇھىم بايرام مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ سىزنى ئالاھىدە ۋەكىل سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشقا ئەۋەتىپتۇ، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ مەن ۋە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، بىز سىلەرنى ئەڭ مۇھىم ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە سەمىمىي كۈتۈۋالىمىز، سىزلەرنىڭ بىزنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق ھېسسىياتىمىزنى ھېس قىلىشىڭلارنى، شۇنداقلا ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنياغا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ تارىختىن بۇيان بۇزۇلماي مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چاۋشيەن جۇڭگو دوستلۇقىنى بىر قوللۇق ياراتقان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئەگەر بۈگۈنكى بۇ قويۇق دوستلۇق مەنزىرىسىنى كۆرسە چوقۇم ھەسسىلەپ خۇرسەن بولغان بولاتتى، بىز بۇنى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن يەنىمۇ بەخت يارىتىش، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن لى جەنشۇ كىم جۇڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ بىلەن بىرگە «جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ» ناملىق مەخسۇس ئەدەبىيات سەنئەت كۆرۈكىنى كۆردى، جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان مەنشۇتې سەنئەت تىياتىرخانىسىدا چاۋشيەن ئوردىن خور ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىلىرى خەنزۇ تىلى بىلەن «چاڭجياڭ ناخشىسى»،« قىزىل بايراق لەپىلدەيدۇ»،«جۇڭخۇانى سۆيىمەن» قاتارلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ناخشىلىرىنى شۇنداقلا ئارىراڭ قاتارلىق چاۋشيەننىڭ مىللىي كۈيىنى ئورۇندىدى، ئويۇن ئاخىرىدا « جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ» دېگەن نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لى جەنشۇ كىم جۇڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي لوڭخەي چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەمدە دۆلەت كوممىسسارىيىتىگە ۋاكالىتەن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.