شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن «دېڭىز ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى بىرلىكتە زىيارەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 17:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۈتۈن بىلەن بىللە «دېڭىز ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا پۇتىن قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەينى يىلى جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى بالىلارنىڭ رۇسىيەدە داۋالىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك تامنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن بىرلىكتە تىياتىرخانىغا بېرىپ، «دېڭىز ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزىنىڭ ۋىنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بالىلارنى كۈتۈۋالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاغ -دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان، جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە تۇرىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى شېرىكلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى يازدى. 2008-يىلى جۇڭگونىڭ ۋىنچۇەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى جۇڭگونىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونىغا ئەڭ ئالدى بىلەن يېتىپ باردى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاپەت رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 996 ئوقۇغۇچىسى«دېڭىز ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزىگە كېلىپ داۋالىنىپ، ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز «دېڭىز ئوكيان» خاتىرىسىنى قالدۇردى. بۇ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېقىندىن ئالاقىلىشىش تارىخى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو -رۇسىيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش-ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى. ئىككى دۆلەتنىڭ ياش-ئۆسمۈر بىر ئەۋلادلىرىنىڭ ياشلىقنى قەدىرلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، بالدۇرراق دۆلەتنىڭ ياراملىق خادىمىغا ئايلىنىشىنى، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دوستلۇقى ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشىگە تىرىشىپ قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا ياشلىق باھارىڭلارنى، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى، كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، دېڭىز ئوكيان رۇسىيە بالىلار مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلارنى جۇڭگوغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن.

پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتەك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. ئىككى دۆلەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشى-رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى مۇھىم. بىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىنى مەزكۇر دۆلەتكە كېلىپ داۋالىنىشقا تەكلىپ قىلىش ئەنئەنىمىز بار. رۇسىيە- جۇڭگو ياش-ئۆسمۈر بىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇنى نۇرلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نەق مەيداندا قويۇلۇۋاتقان ۋىدىيو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە تاماشىبىنلارغا 10 يىل ئاۋۋالقى چەكسىز مېھىرى-مۇھەببەتكە تولغان «دېڭىز ئوكيان»دىكى كېچە-كۈندۈزنى ئەسلەتتى. شۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن رۇسىيە ئەلئىچى ئۇسۇلى «كالىنكا»نى ئوينىدى. ئەينى يىلى «دېڭىز ئوكيان» مەركىزىدە داۋالانغان ياس-ئۆسمۈرلەر ھازىر چوڭ بولدى، ئۇلار مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە «مىننەتدار قەلب» دېگەن خورنى ئېيتتى. 2008-يىلى ۋىنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن بۇ مەركەزدە داۋالانغان شى شۈنفېي ئۆزىنىڭ دېڭىز ئوكيان مەركىزى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلدى. ئارقىدىن جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى ۋە مەركەزنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى «جۇڭگو-رۇسىيە ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتۈش خىتابنامىسى»نى بىرلىكتە ئوقۇدى. مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر يەنە تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇسسۇل«بىز ياشلار»نى ئوينىدى. ئويۇن پۈتۈن مەيدان بىللە ئېيتقان مەركەرزنىڭ «دېڭىز ئوكيان ناخشىسى» بىلەن ئاياغلاشتى.

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ يەر تەۋەرش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن بالىلارنىڭ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ياسىغان قول-ھۈنەر سەنئىتى بويۇملىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ئاپەت رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى ۋە ئەينى ۋاقىتتا كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان مەركەزنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو-رۇسىيە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، كۆپچىلىكنى ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

پۇتىن ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەكىلىگە مۇنداق دېدى: 2008-يىلى بىز خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدەك سىلەرنى كۈتۈۋالغانىدۇق. ھازىر سىلەرنىڭ كۆزۈڭلاردىن چىقىۋاتقان ياش مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھارماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى پائالىيەت ئاددىي ھالدىكى پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو-رۇسىيە خەلقى ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ، بىخ سۇرۇپ، چېچەكلەپ، مېۋە بەرگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگودا «تۈگمىدەك شەپقەتكە تۆگىدەك رەھمەت بىلدۈرۈش» دېگەن گەپ بار، بۇ يەر «دېڭىز ئوكيان»، سىلەر چەكسىز مۇھەببىتىڭلار بىلەن رۇسىيە خەلقىگە، دۆلىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلار كېرەك.

نەق مەيداندىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇلار: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنى تارقاتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى.