خەن جېڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

15-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىغا 15 يىل بولدى، بۇ دوستلۇق دەرىخىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، شاخلىرى باراخسان بولۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولغان 15 يىل. بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ كۆز قاراشلىرىنى تەڭ ئالماشتۇرىدىغان، تەڭ گۈللىنىدىغان، مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىدا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ۋە ئەڭ ھاياتى كۈچكە تولغان ئۈلگىگە ئايلاندى.

خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق تەرەققىيات، ئورتاق روناق تېپىشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋرگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ. بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «3+X ھەمكارلىق رامكىسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئىككىنچى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۈچىنچى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. تۆتىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى، ھىندونېزىيە جاكارتا-باندۇڭ تۆمۈر يولى، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولى، جۇڭگو-سىنگاپور ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھەمدە جەنۇبقا يۈزلەنگەن يوللار قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئالتىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ.

كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن، بېرمىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مىنرۈي، ۋىيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ تىڭخۈي، لائوسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سوڭدى، تانزانىيە زانزىبارنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئېد ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئارقىدىن خەن جېڭ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، خەن جېڭ خۇنسىن بىلەن بىرگە كامبودژا سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خەن جېڭ كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.