لى كېچياڭ ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ياپونىيە ئىقتىسادى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ناكانىشى خىروئاكى، ياپونىيە سودا سانائەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىمۇرا ئاكىئو، ياپونىيە-جۇڭگو ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شوجى مىنوكا باشچىلىقىدىكى ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ياپونىيەدىكى ئاساسلىق كارخانىلارنىڭ 200دىن ئارتۇق مەسئۇلى قاتناشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، نۆۋەتتە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشى بولماقتا. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال يولغا قايتىپ كېلىش ئاساسىدا مۇقىم قەدەمدە ئۇزۇنغىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكلىرىگە قارىتىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى تۈرتكۈچلۇك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدە بولۇپ، بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە قورۇقچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، جۇڭگو ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا رايونى ۋە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» سۆھبىتى مۇساپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ياپونىيەلىك يىغىنغا قاتناشقان زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى ساھەسىدىكىلەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغدايدۇ، ياپونىيە-جۇڭگو-كورېيە ئەركىن سودا رايونى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» سۆھبەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.