شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مائارىپ سېپىنى يېڭى تەپەككۇرغا يېتەكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلقنى رازى قىلىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، بۇ يۈرۈش چوڭقۇر بايانلاردا، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ سېپى مۇھىم سۆزنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، يېڭى بۇرچنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى.

يېڭى دەۋردە، مائارىپ قانداق بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز-جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ-مائارىپىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى بەلگىلىگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى-مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ھەم نىشان كۆرسىتىپ بەردى. مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ سېپى-«يېڭى، يۇقىرى، ئەمەلىي، چوڭقۇر» بولۇشتىن ئىبارەت تۈپ تەلەپتە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ، ئالاھىدىلىكتە، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتچىل، ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ سىستېمىسى-ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، مەسىلە، تېما، سىياسەت، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى چىقىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

بېيجىڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خاۋ پىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئۇنىڭ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش قانۇنىيىتى، مائارىپنىڭ ئادەم تەربىيەلەش قانۇنىيىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلىگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش-مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بېيجىڭ داشۆسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغىنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمىدە چىڭ تۇرۇشنى مەكتەپنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان تېخىمۇ كۆپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

ۋۇخەن داشۆسىنىڭ مۇدىرى دۇ شيەنكاڭ مۇنداق دېدى: «ئالەمدىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋۇخەن داشۆسى ئالىي مەكتەپنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلىش، ئالىي مەكتەپ تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مەزمۇن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتىپىمىز داشۆ ۋە شۆيۈەندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈچ دەرىجىلىك باھالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھاتقا تېرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى لى چيۇلىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى نىڭشيانىڭ ئىنتېرنېت قوشۇلغان مائارىپتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېزا مەكتەپلىرى بىلەن شەھەر مەكتەپلىرى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان «ئەقلىي تەڭ قەدەملىك دەرسخانا» بىلەن يېزا ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى «رەقەملىك مائارىپ بايلىقى» بىلەن تولۇق قاپلاپ، يېزا بالىلىرىنى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تەستىقلىدى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلدى. لى چيۇلىڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا، غەربىي رايوندىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان جايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئىسلاھاتى-سىجىل تەرەققىياتقا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىختىساسلىقلار مەدىتى ئېلىپ كېلىدۇ دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت-ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، كەسپىي ئورنىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئىناۋەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يۈننەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى جۇرۇڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىشتات، ئۇنۋان قاتارلىق سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەم كەسپىي ئورۇنغا ھەم ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز.

ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش-ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار نىشانغا مۇناسىۋەتلىك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، «ھەم مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىرادىگە ھەم ئاتاق-ئابرۇي، نام-مەنپەئەتكە قىزىقمايدىغان نىيەتكە ئىگە بولۇش كېرەك».

چىڭخۇا داشۆسى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ 2014-يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ياڭ جاۋ ھازىر شىزاڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە. نىڭشيادا چوڭ بولغان ياڭ جاۋ مائارىپنىڭ غەربىي رايون بالىلىرىغا بولغان ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ئوقۇش ماڭا ياشلارنىڭ غايىلىك بولۇشى ۋە دۆلەتكە مۇھەببەت باغلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتىپ بەردى، مەن-مائارىپ ئىشلىرىدىن نەپ ئالغۇچى، مەن مائارىپ ئىشلىرىغا بىر ئۈلۈش ھەسسەمنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.