«ئالى مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى مەخسۇس مەبلىغى» تەسىس قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز مالىيەسى 2018-يىلدىن باشلاپ «ئالى مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى مەخسۇس مەبلىغى» تەسىس قىلىپ، ئۇنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تارماق خامچوتىغا كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «ئالى مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالى مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتى مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى بېكىتكەن.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەت مەھكىمىسى، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كېلەر قەدەمدە تەشۋىقى تەربىيە، تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق چارىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى توغرا چۈشەندۈرىمىز ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.