ئالدىنقى سەككىز ئايدا مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 13 تىرىليون 286 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشقان. بۇ ، بۇ يىلدىن بۇيان مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر خانىلىق سان بىلەن ئېشىشى.

مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن «ئالدى بىلەن يۇقىرى بولۇپ كېيىن تۆۋەنلەش» ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، دۆلەت ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجى 2 تىرىليون 839 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشتى، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە دۆلەت ئىچىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى 4 تىرىليون 289 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.6 ئاشقان.

چىقىمدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 14 تىرىليون 67 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكى خامچوتنىڭ %67 ئورۇندىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە پەن تېخنىكا چىقىمى 438 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان؛ ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش چىقىمى 340 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 1 تىرىليون 918 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشقان.