ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 18:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، ئېلىمىزنىڭ شەھەر يېزىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 776 مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، 1978-يىلىدىكىدىن 374 مىليون 880 مىڭى كۆپىيىپ، %93 ئاشقان؛ شەھەر بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئومۇمىي ئادەم سانى 424 مىليون 620 مىڭ بولۇپ، 1978-يىلىدىكىدىن 329 مىليون 480 مىڭى كۆپىيىپ، %346 ئاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا، مائاش كىرىمى تېز ئاشقان. 2017-يىلى شەھەر بازارلاردىكى خۇسۇسى مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 74 مىڭ 318 يۈەنگە يېتىپ، 1979-يىلىدىن 2017-يىلغىچە يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %13.1 كە يەتكەن؛ باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1978-يىلىدىكىدىن ئەمەلىيەتتە 16.7 ھەسسە كۆپىيىپ، يىلىغا %7.6 ئاشقان.