لى كېچياڭ دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى تەكشۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

لى كېچياڭ مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىدە مەھسۇلات سۈپىتى بولۇپمۇ بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى، بىرىنچى سەپتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچ بىلەن ۋىدېيودا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ «ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ ئەۋەتىش، ئاشكارىلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە مۇلازىمىتى ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، چوقۇم سۈپەت ئارقىلىق غەلىبە قازىنىش كېرەك، بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، چوقۇم مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ھەققىدىكى پىلانىنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كادىر-خىزمەتچىلەرنىڭ قىلغان خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىرقى مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتتە، تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم خاراكتېرىدىكى سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى تەلەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجازەتنى بوشىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش؛ بارلىق مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى بولۇپمۇ كىچىك مىكرو كارخانىلارنى تېخىمۇ قوللاپ، رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش كېرەك، بازارنىڭ قىل قان تومۇرلىرى ئېچىلسا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئانا تومۇرىمۇ تېخىمۇ مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بىلەن ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بولمىسا بازاردا ئادىل رىقابەتلىشىش بولمايدۇ، ناچار پۇل ياخشى پۇلنى قوغلاپ چىقىرىدىغان ھادىسە يۈز بېرىدۇ، چىرىكلىشىش ئەۋج ئالىدۇ، بۇ بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە سۈپەت ئاشۇرۇشقا قىستىشىغا پايدىسىز. يېڭى ۋەزىيەتتە بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلان تۈزۈمىدىكى بازار باشقۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەتتىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە قارىتا «ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ ئەۋەتىش، ئاشكارىلاش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ پاش قىلىنغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ياكى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش؛ يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش؛ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە جازالاش ئارقىلىق مەرەزلەرنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىش؛ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ئاساسى قائىدە ۋە بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، تۈرلۈك مونوپول قىلىشنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتا كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى نۇرلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆلچەمگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ماركىلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك.

لى كېچياڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.