رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «دېڭىز ئوكيان» پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋېلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە «دېڭىز ئوكيان»پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرى بۇ يەردە داۋالانغان سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئەينى چاغدا ئۇلارنى قارىغان رۇسىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياش ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ كەلگۈسى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە سۆزلىشىشىگە تىرىشىپ قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشلىق باھارى، ئەقىل-پاراسىتى، كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇ مەيداندىكى ياش ئۆسمۈرلەر جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىدەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز دېيىشتى.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى، بېيچۇەنلىك ئوغۇل بالا شى جۈنفېي چوڭ بولغاندىن كېيىن رۇسىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقىغا تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى بىر بوتۇلكىغا قاچىلاپ سۇغا قويۇپ بەرگەن ئىدى. تۆت ئايدىن كېيىن، لەيلىمە بوتۇلكا خاسىيەتلىك ھالدا «دېڭىز ئوكيان» پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىدە پەيدا بولدى. ھازىر شى جۈنفېي رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ ھىكايىنى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى ھەمدە ئارقىدىن بالىلار مەركىزىگە زىيارەتكە بارغاندا نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن «ساۋاقداش شى جۈنفېي بۇ يەردە بارمۇ؟» دەپ سورىدى. شى جۈنفېي ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ھاياجان ئىلىكىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تاسادىپىي ۋە ھاياجانلىق ئىش بولدى. بوتۇلكا ھېكايىسى ئۆتكەن 10 يىلدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن. ھەقىقىي باش پېرسوناژ ئەمەلىيەتتە مەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقى. 

40 نەچچە نەپەر ياش ئۆسمۈر، ئەينى چاغدىكى «دېڭىز ئوكيان» مەركىزىدە داۋالانغان بالىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە «مىننەتدار قەلب» دېگەن خورنى ئېيتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى پائالىيەت ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ جۇڭگو رۇسىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا «تۈگمىدەك شەپقەتكە تۆگىدەك رەھمەت» ئېيتىش كېرەك دېگەن سۆز بار. بۇ جاي «دېڭىز ئوكيان»، سىلەر چەكسىز مۇھەببىتىڭلار بىلەن رۇسىيە خەلقىگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلار كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىدەك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىم بالىلار مەركىزىگە قايتا بارغان شيا يۈ ھازىر بىر مۇخبىر، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئۆسمۈرلىرى، بولۇپمۇ دېڭىز ئوكيان مەركىزىدە تۇرغان بالىلار ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى،جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولىمەن. ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بۇ ھىكايىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن.

شى جۈنفېي مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەھكەم ئېسىمدە ساقلاپ، ۋەتىنىمنى، يۇرتىمنى قىزغىن سۆيۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، مېھرى -مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ كۆۋرۈكى بولىمەن. شى جۈنفېي مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم يەردە قويمايمەن، ئۇنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، ۋەتىنىم ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.