خەن جىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋيۇەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جىڭ 9-ئاينىڭ 12-، 13-كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ، چىڭجۇۋ، بېيخەيگە بېرىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

خەن جىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، خەلقئارا سودىدىكى «يەككە كۆزنەك»، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە رەقەملىك گۇاڭشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۇاڭشى چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىغا تاپشۇرغان «ئۈچ چوڭ نىشان» يېڭى بۇرچىنى ياخشى ئورۇنلىشى كېرەك. خەن جىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىنتېرنېت +ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نىڭ ئاچقۇچى قوللىنىشتا، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپ، كارخانا بىلەن بىرىكىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قوللىنىش ئارقىلىق، «قۇرۇش» ۋە «باشقۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جەنۇب يۆنىلىشلىك يول-ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغان خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروت يولى، گۇاڭشى-مۇھىم تۈگۈن. خەن جىڭ چىڭجوۋ باجدىن خالى پورت رايونىغا كېلىپ، جەنۇب يۆنىلىشلىك يول قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، گۇاڭشىنىڭ پورتلارنى بېرىكتۈرۈش، ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇب يۆنىلىشلىك يول-غەربىي قىسمدىكى رايونلارنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا يۈزلەنگەن يېڭى دېڭىزغا چىقىش يولىنى ئاچالايدۇ ھەم چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ سۇ تىرانسىپورت «يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ». تۆمۈريول تورىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، دېڭىز، تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسىپورتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىمالدىكى پورت رايونلىرىدىكى پورتلارنى تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى زورايتىپ، دېڭىز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەن جىڭ يۈك ساندۇق پرىستانىدا نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: بىيبوۋەن قولتۇقى ياخشى رايون ئەۋزەللىكىگە ۋە چوڭقۇر سۇ شارائىتىغا ئىگە، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۈمىد زورىيىدۇ.

خەن جىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىش ۋە پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شىندېلى فوتو ئېلېكتىرى، خۈيباۋيۇەن دورىگەرلىكى، سەننو ئېلېكتىرونى قاتارلىق كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى. خەن جىڭ ھەر بىر كارخانىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى، دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلدى، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى، بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالى، سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، كارخانا مەسئۇلى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى قوللاپ، باجنى ئازايتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇشنى پەسەيتىشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق چوڭ مۇھىتنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

خەن جىڭ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو سىنگاپور نەننىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، جۇڭگو-مالايسىيا چىڭجۇۋ كەسىپ باغچا رايونىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، گۇەنجىي كۆرسىتىش پەن-تېخنىكىسى بېيخەي چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. گۇاڭشى ياخشى بازار مۇھىتى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەتئەل مەبلىغىنى ئۈنۈملۈك جەلىپ قىلىپ، شەرقى قىسىمدىكى رايونلارنىڭ سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن پائال تۇتاشتۇرۇش كېرەك.

خەن جىڭ يەنە خۇايى چىڭجۇۋ خىمىيە-سانائىتى يېڭى ماتىرىياللارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بازىسى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى چىڭجوۋ ئون مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە يۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ كارخانا، چوڭ تۈرلەردە شۇ يەرنىڭ ئىشقا ئورونلىشىش ۋە باجنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.