«شى جىنپىڭ نەقىل ئالغان ھېكمەتلەر»نىڭ تۆتىنچىسى «دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلىدە»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 16:21

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىكتە تەييارلىغان «لېكتورلار مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭ نەقىل ئالغان ھېكمەتلەر» دېگەن سەھىپىسىنىڭ 4-قىسىمى «دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلىدە» بۈگۈن كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىدا سائەت 20 دە كۆرسىتىلىدۇ.

4-قىسمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان «ئالەمنىڭ ئاساسى دۆلەتتە، دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلىدە»، «پەرزەنتلەرگە كۆيۈنۈپ، ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يولىنى ئۆگىتىش كېرەك»، «پەرزەنتلەرگە كۆيۈنۈشنىڭ ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، بۇنداق كۆيۈنۈش پەرزەنتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ»، «ياخشى ئادەملەردە خەيرلىك ئىشلار كۆپ بولىدۇ، يامان ئادەملەردە بالا-قازا كۆپ بولىدۇ» قاتارلىق ھېكمەتلەر تاللىنىپ، باش تېمىنىڭ تۈگۈنى قىلىنغان. ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشكىچە بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن.