مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە چېتىشلىق بەش تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 16:32

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى قارا ياۋۇز كۈچلەر، چىرىكلىككە ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە چېتىشلىق بەش تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ بەش تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە: خېنەن ئۆلكىسى لونىڭ ناھىيەسى شىڭخۇا بازىرى دۇڭسى كەنتىنىڭ سابىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى قوشۇمچە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دى جىمىننىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش دېلوسى؛ خۇنەن ئۆلكىسى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جوۋ فۇبو قاتارلىقلارنىڭ قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش» مەسىلىسى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قىسمەن ساقچىلىرىنىڭ قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش» مەسىلىسى؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭفۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق باشقارما دەرىجىلىك كادىرى ليۇ يۇڭشىياڭنىڭ قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش» مەسىلىسى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى دۇڭگاڭ رايونى ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى لياڭ جىگاڭ قاتارلىقلارنىڭ قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش» مەسىلىسى؛

ئاشكارىلانغان تىپىك دېلولاردىن قارىغاندا، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە بىۋاسىتە تەشكىللىگەن، رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان، بەزىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇلارنىڭ يامان، رەزىل ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇپ، قارا جەمئىيەت كۈچلىرىگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان. بەزى يەرلىك پارتكوم، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ جازالىشى كۈچلۈك بولمىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلىرىنىڭ يامرىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ مەسىلىلەر شۇ يەرنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى، ئىقتىسادى تەرتىپى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، چوقۇم قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق جازالاش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماسلىق كېرەك.