لۇكاڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ‹جۇڭگونى قايتا قۇردى› دېگەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 16:33

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا «ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ‹جۇڭگونى قايتا قۇردى› دېگەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

يېقىندا ئامېرىكا رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم جار سېلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن قىلغان سودىسىدا غايەت زور پاسسىپ بالانس كۆرۈلۈپ، جۇڭگوغا نۇرغۇن بايلىق سوۋغا قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى «قايتا قۇرغىنى» بىلەن باراۋەر. بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئامېرىكىغا مەنسۇپ، دەپ قارىغانلىق، بۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، لوگىكا جەھەتتىنمۇ تۈپتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بىرىنچىدىن، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپتىن ئۆزىگە باغلىق، جۇڭگو بىر مىليارد 400مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىياتتا باشقىلارنىڭ خەيرى-ساخاۋىتى ۋە ئىلتىپاتىغا تايىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ بالانسى كۆپ خىل ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئورتاق رولىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى ئەيىبلىشى ئادىل ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس. ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى ھەرگىزمۇ ئاتالمىش ئامېرىكا جۇڭگوغا بايلىق سوۋغا قىلدى، دېگەندەك «تاق يۆنىلىشلىك يول» ئەمەس. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىن كەڭ كۆلەمدە، غايەت زور ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيەتتە ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. زىيان تارتىدىغان ئىشنى ھېچكىم قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 20 نەچچە يىلغا سوزۇلغان دېمەيلا قويايلى. بىز ئامېرىكىنى روھى ھالىتىنى توغرىلاپ، ئەمەلىيەتنى ھۆرمەتلەپ، جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلەشنى توختىتىشقا، جۇڭگوغا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستېمالچىلىرىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.