مەركەز بىلەن يەرلىك ئىقتىسادىي ھەرىكەتكە كاپالەتلىك قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:18

4-پەسىلگە كىرگەن پەيتتە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ھەم نۇرغۇن جايلار ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش-ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تاللاشقا ئايلاندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئاشتى، ئەلئىچىنىڭ سالغان مەبلىغىمۇ بىر قەدەر تېز ئاشتى، ئومۇمىي جەھەتتىن سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. كېيىنكى باسقۇچتا، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، دەل جايىدا بولۇشقا كۈچ چىقىرىش نىشانلىنىدۇ، جۈملىدىن ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ.
4-پەسىلگە كىرگەندە، جياڭسۇ، گۈيجۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا ئۆمەك باشلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ياكى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 3-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىنچىكە تەتقىق قىلدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش-ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تاللاشقا ئايلاندى. 9-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە كۈنى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى لاسا گۇڭگا ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە رايونىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىگە 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىن مەبلەغ سېلىش پىلانى، ئىككى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارى سېتىۋېلىش تۈرىگە 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىن مەبلەغ سېلىش پىلانى، زاڭجۇڭ ۋە چاڭدۇ ئېلېكتىر تورىنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ لاسادىن لىنجىغىچە بولغان بۆلىكىنى توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىغا 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىن مەبلەغ سېلىش پىلانى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدان، سارايلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانى قاتارلىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈردى.

قۇرۇلۇۋاتقان باشقا تۈرلەرمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. پۈتۈن يىللىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چاڭشا شەھىرى 860 تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش توختاتمىدى، بىر قىسىم ئىش توختاتقان تۈرلەردىمۇ 10-ئاينىڭ 3- ۋە 5-كۈنلىرى ئىش ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلدى.