«شى جىنپىڭ نەقىل ئالغان ھېكمەتلەر»نىڭ ئۈچىنچىسى-«دۆلەتتە ئەخلاق بولمىسا گۈللەنمەيدۇ»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:20

«شى جىنپىڭ نەقىل ئالغان ھېكمەتلەر»نىڭ ئۈچىنچىسى-«دۆلەتتە ئەخلاق بولمىسا گۈللەنمەيدۇ» دېگەن قىسىمدا ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەخلاق» ھەققىدىكى بايانلىرى شەرھلەنگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھېكمەتلەر تاللىنىپ، ئالىيجاناب ئەخلاق، يەنى «دۆلەتتە ئەخلاق بولمىسا گۈللەنمەيدۇ، ئادەمدە ئەخلاق بولمىسا مۇكەممەل بولالمايدۇ» دېگەندىن گۈزەل ئەخلاق يەنى «بۈيۈك ئەخلاق بولۇش، ئومۇم ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇش، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىش، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، پەرقلەندۈرۈش، سەمىمىي بولۇش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەخلاق» ھەققىدىكى بايانلىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئىزاھلانغان بولۇپ، ئېلىمىز ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئىدىيەسىنىڭ ۋارىسى ھەم راۋاجى. بۇ-ئادەم بولۇشتا ئەخلاقىي پەزىلەتكە، ھاكىمىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەمەلدارلىق ئەخلاقىغا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچ ئېڭىنى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا موھتاج بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.