دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى 23 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:22

دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى پۇقرالارنىڭ توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت بەلگىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپى، گۈرۈچ مەھسۇلاتىنىڭ دەرىجىسى، شەھەر يول قاتناش يولىنى تەشكىللەش، لايىھەلەش، قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق 23 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئايلانما ئىقتىساد، يېمەكلىك، شەھەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

پۇقرالارنىڭ توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت بەلگىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنىڭ مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، پۇقرالار ئۇچۇرىنىڭ ئوڭاي ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خېيىم-خەتىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەش ھالقىسىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، پۇقرالارنىڭ سىپىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھلىقى ۋە توردا سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆستۈرۈلۈپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئىجابىي رولى كۈچەيتىلىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنىڭ مۇداپىئە تېمى مۇستەھكەملىنىدۇ.