مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى 2.0نى يولغا قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:24

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مائارىپقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، كەسپىي ئاساسى پۇختا، ئوقۇتۇشتا دادىل يېڭىلىق يارىتالايدىغان، ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەشكە ماھىر، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى بىر تۈركۈم ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆججەت تارقىتىپ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانى 2.0نى يولغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلان- بۇنىڭدىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغان «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭدىكى نىشان-بەش يىل ئۆپچۆرىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپلەر ۋە سىفەن كەسىپلىرىنى ياخشى تەسىس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى روشەن كۈچەيتىپ، دەرس سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى روشەن يېڭىلاپ، سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى مەركەز قىلغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش يېڭى ھالىتىنى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش سۈپىتىنى روشەن ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئاساسى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى روشەن سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سۈپىتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەتكەن. 2035-يىلغىچە سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، كەسىپلەشكەن سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى روشەن ئۆستۈرۈلۈپ، نەچچە يۈز مىليون غوللۇق ئوقۇتقۇچى، نەچچە يۈز مىڭ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، نەچچە ئون مىڭ مائارىپچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىنىدىكەن.