لى كېچياڭ بىرقانچە يىغىنغا قاتنىشىش ۋە بىرقانچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:33

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇسۇل زادە، گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇتتى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسېك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر ۋە بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى مېچىلنىڭ تەكلىپى بىلەن تاجىكىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە تاجىكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش، گوللاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇش، بېلگىيەدە 12-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە بېلگىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى.

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار لى كېچياڭغا ھەمراھ بولۇپ شۇ ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى.