بۇ يىل جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى قېتىم ئاشكارا پاي توپلاش سوممىسىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:35

يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىگۈچى دىلوگىك شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى بىرژاسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقاتقان پاي سوممىسى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقان.

دىلوگىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېيى ۋە پايغا ئالاقىدار تارقاتقان سوممىسى يەر شارىنىڭ تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %17 يۇقىرى بولغان، بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ مۇشۇ تۈردىكى تارقىتىش سوممىسى يەر شارىنىڭ %10 نىلا ئىگىلەيتتى.