ئېلىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:36

تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، تۇرالغۇ ئۆي ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشقا چېتىشلىق دۆلەت قاتلىمىغا ئالاقىدار 90 دىن ئارتۇق قانۇن، مەمۇرىي قانۇن بەلگىلىمە، قائىدە، قېلىپلاشقان ھۆججەت ۋە ئۆلچەملىك قائىدىلەرنى تىزىپ چىقىپ 1-تۈركۈمدىكى 18 قانۇن بەلگىلىمە ۋە سىياسەت ھۆججىتى توغرىسىدا كونكرېت تۈزىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چاڭ چىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى پۈتۈن جەريان، پۈتۈنلەي قاپلاش بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سىستېمىلىق يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، ئىچكى جەھەتكە قارىتىلغان ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاش بولۇپ، ئاخىرقى نىشان مەملىكەت تەۋەسىدە ئىلىمى، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، دېدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى 2018-يىلى سىناق رايونلىرىنىڭ تەستىقلاش ۋاقتىنى ھازىرقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 خىزمەت كۈنىدىن 120 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىشكەن، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، 2020-يىلغىچە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاساسەن ئورنىتىلىدىكەن.