ۋاڭ چىشەن 2018-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىكى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 18:12

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 2018 - يىللىق يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىكى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئېقىمغا ماسلىشىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ سىياسىي ئىقتىسادى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كۆچۈرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداش، نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىش، تەرەققىياتتا تەڭپۇڭسىزلىقى كۈچىيىش، دۇنيانى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئېقىمغا يېتىشەلمەسلىك، نارودنىكلىق ئىدىيەۋى ئېقىمى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك باش كۆتۈرۈش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. خىرىس داۋامىدا پۇرسەت كېلىدۇ.

ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. جۇڭگو مەۋقەنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەشنى  بىر  گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ئىشلار دىپلوماتىيەنى بەلگىلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «يېڭىلىق يارىتىدىغان، كەڭ قورساق، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ؛ تەڭ كېڭىشىش،تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىنى بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، بىر تەرەپلىمىلىك ئىدىيەسى ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، تەڭ پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

مۇنبەرگە قاتناشقان مەزگىلدە، ۋاڭ چىشەن يەنە مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى بىلۇمبېرگ، مۇنبەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ پەخرىي رەئىسى كىسىنگېر، مۇنبەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋلسون قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.