12 -نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 18:13

12 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن باشلاندى، 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 770 سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ، قىرغۇچى 20،توشۇغۇچى 20 ، قىرغۇچى B10 تىپلىق ئىتتىرىش كۈچى ۋېكتورىنى تەكشۈرۈش ئايروپىلانى قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى ئايروپىلان تىپلىرى كۆرگەزمە قىلىندى ھەمدە ئۇچۇش ماھارىتى بويىچە نومۇر ئورۇنلىدى.

تۇنجى قېتىم قوش قۇتۇپلۇق توك يولى موتورى سەپلەنگەن قىرغۇچى 10-B تىپلىق ئايروپىلان نەق مەيداندا ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ماھارەت كۆرسەتتى . ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى فۇچيەنشياۋ مۇنداق دەپ قارىدى : قىرغۇچى 10-B تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قالتىس ماھارىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكا رۇسىيەدىن قالسىلا ئىتتىرىش كۈچى ۋېكتورى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يەنە بىر ئايروپىلان تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو سودا ئايروپىلان شىركىتى بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ئايروپىلان ياساش گۇرۇھى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان CR929 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، گوۋۇيۈەن چوڭ ئايروپىلان مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يەنجۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: CR929 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بىزنىڭ چوڭ تىپتىكى كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى تەتقىقاتى يېڭى باسقۇچقا ھەقىقىي قەدەم قويغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇندىن باشقا، قىرغۇچى 20 نىڭ ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىشى بولۇپ، ئۈچ سەپ شەكلى بويىچە بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلىدى. قىرغۇچى 20 نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ ۋېي قىرغۇچى 20 كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ دېدى.