لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لاگاردى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 18:23

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭنەنخەيدە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان ، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي ئاپپاراتلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەركىن سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسى ۋە پۇل - مۇئامىلە بازىرىغا مۇقىم كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە دۇنياغا يەنە بىر قېتىم، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تەرتىپلىك كېڭەيتىمىز ، بانكا قاتارلىق ساھەلەردە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ پاينى پۈتۈن كونترول قىلىشى، ۋە پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويىدۇ. پۇل سىياسىتىدە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قوللايدۇ.

راگاردى مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى، ئەركىن سودىنى قوللايدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى ھېس قىلدى، جۇڭگونىڭ يولغا قويۇۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئېچىۋېتىش نىشانى ، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە ساھەسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.