لى كېچياڭ 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 18:26

3- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئوتتۇرا ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنانىڭ سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلدى . گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى . بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى زىۋىيزىدىچ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئەمەلى ھەمكارلىققا مۇجەسسەملەش ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىلگەن ، سىغدۇرۇشچان ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى ، جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . بىز شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ، « 16 + 1 ھەمكارلىقى »نى يەنىمۇ ئىلگىرى سۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايمىز.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەمكارلىقتا يېڭىلىق يارىتىش « 16 + 1 ھەمكارلىقى » نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى . جۇڭگو شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ ، ئورتاق تۈرتكە بولۇپ ، يېڭىلىق يارىتىشتىن تەڭ بەھرىلىنىپ ، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، كارخانىلارنى بازارلاشتۇرۇش ، تاۋارلاشتۇرۇشدا يېڭىلىق يارىتىشنى ، ئۆز تەرەققىياتىدا يېڭى قۇۋۋەتنى زورايتىشنى داۋاملىق قوللايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ ، « 1 + 16 ھەمكارلىقى » ۋە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .