مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2018 - يىللىق كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:17

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2018 - يىللىق كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ( دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) نىڭ مۇدىرى چېن شى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە بۇ قاراردا 471 كۇرسانت ئوقۇش پۈتتۈردى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا تۆت كۇرسانت ۋەكىلى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى ئىنكاس قىلدى: تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگەندۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىمىز، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.