بۇ يىل ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك باج - ھەققىنى كېمەيتىش تەدبىرى يولغا قويۇلۇشتىن ئۈمىد بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:21

ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باجنى كېمەيتىش ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئىشلىرى باشلاندى؛ يۈكنى يېنىكلىتىش سالمىقى تېخىمۇ چوڭ بولغان تەدبىرلەر مەركەزلىك ئېلان قىلىنىدۇ.

يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق كومىتېت بىرلىشىپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە دۆلەت دەرىجىلىك ، ئۆلكە دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھاسىلاتى قاتارلىق كىرىمىدىن ئۆي مۈلۈك بېجى، شەھەر - بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى ، قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا ھاۋالە قىلغان تەتقىقات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇۋېلىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى . ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەھەتتە ،11-ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ يىغىندىسى % 3 دىن % 1 گە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۇزارتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئالاقىدار تارماقلار مۇتەخەسسىسلەر ۋە كەسىپ ئىچىدىكى مۇھاكىمىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ ،يېڭى بىر نۆۋەتلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يېڭى سىياسىتىنى جىددىي تۈزمەكتىكەن؛ كېيىنكى قەدەمدە ئېلىمىزنىڭ باجنى كېمەيتىش ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش يولى تەدرىجىي ئايدىڭلاشقان.