خەن جىڭ تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سوڭ چى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:34

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇشۇ ئاينىڭ 6 -كۈنى جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې راۋىقىدا تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سوڭچى بىلەن كۆرۈشتى . خەن جېڭ مۇنداق دېدى : رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا : يېڭىلىق يارىتىش ، سىغدۇرۇشچان ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلەپ ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى تەدبىرىنى جاكارلاپ ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېچىۋېتىشىدەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بىز، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ، « بىر بەلباغ ، بىر يول »دىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، ئىقتىساد _ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز . جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ ،دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ، سىغدۇرۇشچان ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سوڭچى مۇنداق دېدى : تايلاند ، جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تايلاندنىڭ شەرقىي قىسىم ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ.