شى جىنپىڭ ۋارېلا بىلەن جۇڭگو پاناما ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مۇخبىرىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-04 12:27

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شۇ يەر ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى ، پاناما شەھىرىدە پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو پاناما ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى . ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك مول بولمىغان ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىسى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك قويۇقلاشمىغان . ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ ، جۇڭگو - پاناما ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت كارخانا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو ـ پاناما ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى قوشۇنى ، ئىككى تەرەپ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەمكارلىقنى تىرىشىپ كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بازىرىنى سەمىمىي ئىچىۋېتىدۇ ، پانامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل كارخانىچىلىرىنىڭ جۇڭگو كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ ، جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭمۇ پاناماغا بېرىپ تەرەققىي قىلىپ ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ، سودىنى قەيەردە قىلسا شۇ يەردە دوستلۇق ئۇرۇقىنى چېچىپ ، قەيەردە تۈرنى يولغا قويسا شۇ يەردە دوستلۇق ئابىدىسىنى تىكلىشى كېرەك.

ۋارېلا مۇنداق دېدى : ئۇزاقتىن بېرى، پاناما بىلەن جۇڭگونىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر قانال ، پورت ۋە كولون ئەركىن سودا رايونى ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى كۈنسايىن قويۇقلاشتى . بىز ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاناماغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشنى ، ھەمدە پانامانى لاتىن ئامېرىكىسىغا كەسىپلىرىنى كېڭەيتىش بازىسى قىلىپ ، پاناما ۋە بۇ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.