مالىيە مىنىستىرلىقى يەرلىككە مۇددەتتىن بۇرۇن 2تىرىليون 100مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-04 16:51

10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇدا 24 ھۆججەت چىقىرىپ، يەرلىككە مۇددەتتىن بۇرۇن 2تىرىليون 119مىليارد 500مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈردى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان 20 كۈن ئىچىدە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 12 ھۆججىتىدە يەرلىككە مۇددەتتىن بۇرۇن بىر تىرىليون 960مىليارد 148مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈلگەندىن باشقا يەنە 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان 12 كۈن ئىچىدە مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە ئۇدا 12 ھۆججەت چىقىرىپ، يەرلىككە 159 مىليارد 380مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈردى.

كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا، خامچوتنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئاشۇرۇش، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن 2019-يىللىق مەركەز مەخسۇس لاتارىيە پاراۋانلىق پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى خامچوتىغا 4مىليارد 887مىليون 500مىڭ يۈەن مەدەت بېرىلگەن. خامچوت ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، خامچوت باشقۇرۇشنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 2019-يىلى ئومۇمىي مەنپەئەتلىك پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن 9مىليارد 269مىليون 430مىڭ يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن.

2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يەرلىك خامچوتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يەرلىكنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پىلان تۈزۈشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈشى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكىگە مەركەز مالىيەسى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى خامچوتىدىن 91مىليارد يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى، بۇ 2018-يىللىق مەركەز مالىيەسى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 106مىليارد 100مىليون يۈەننىڭ %86نى ئىگىلەيدۇ.