شى جىنپىڭ بىلەن پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا پاناما قانىلى يېڭى كېمە تاقىقىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-04 16:52

شۇ جاينىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پانامادا پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن بىرلىكتە پاناما قانىلى يېڭى كېمە تاقىقىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېڭى كېمە تاقىقىغا يېتىپ بارغاندا زۇڭتۇڭ ۋارېلا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لورېنا كاستىللو ماشىنا توختىتىش ئورنىدا كۈتۈۋالدى.

يېقىن يەردە لىق توپ يەشىك قاچىلانغان جۇڭگونىڭ يىراق ئوكيان قاتنىشى گۇرۇھىنىڭ «ئەتىرگۈل»ناملىق پاراخوتى بىرىنچى كېمە تاقىقى ئالدىدا ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇراتتى، بۇ پاراخوت بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ چىڭداۋدىن يولغا چىقىپ، تىنچ ئوكياندىن كېسىپ ئۆتۈپ، پاناما قانىلى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ ئامېرىكىدىكى 3 پورتقا يېتىپ بېرىپ، ھازىر پاناما قانىلى ئارقىلىق قايتىۋاتاتتى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگونىڭ يىراق ئوكيان دېڭىز قاتنىشى گۇرۇھى مەسئۇلىنىڭ پاراخوت ئەھۋالى ۋە مەزكۇر گۇرۇھنىڭ پانامادىكى تىجارەت ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ رەپىقىلىرى ئەتىرگۈل ناملىق پاراخوت خادىملىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پاراخوت خادىملىرى جۇڭگو پاناما بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى.

شى جىنپىڭ ئەتىرگۈل ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى بىلەن تېلېفونلىشىپ، پاراخوتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى سورىدى، پاراخوتتىكى بارلىق خادىملاردىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پاناما قانىلىدا ئەتىرگۈل ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ۋە خادىملىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەرنىڭ پاناما قانىلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرى ۋە يەر شارى سودىسىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يىراق دېڭىزدا سەپەر قىلىۋاتقان پاراخوت خادىملىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىنىڭ، تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، خۇشال خۇرام سەپەر قىلىشىنى، ئامان ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ يولى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

ئەتىرگۈل ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ۋە خادىملىرى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بارلىق پاراخوت خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو چەتئەلنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسى ئۈچۈن تۆھپە، كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە كېمە تاقىقى كونترولخانا سىرتىدىكى مۇنارغا بېرىپ، پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش، قاتناش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

كونترولخانىنىڭ سىرتىدىكى سۇپىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرى يېڭى كېمە تاقىقى ۋە قانالنىڭ تولۇق مەنزىرىسىنى كۆردى. ۋارېلا شى جىنپىڭغا قانالنىڭ تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى كونترولخانىغا كىردى، ۋارېلا شى جىنپىڭنى كونترول قىلىش كومپيۇتېرىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، كېمە تاقىقىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى، كېمە تاقىقىنىڭ ئىككى تەرەپكە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەتىرگۈل ناملىق پاراخوت ئاستا-ئاستا تاقاقتىن ئۆتتى، كونترولخانىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

پاناما قانىلى تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سۇ يولى، 1914-يىلى رەسمىي ئېچىلغان، 1999-يىلى پاناما قانالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان، 2016-يىلى قانالنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان.