لى كېچياڭ تەبرىك تېلگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پرىنسىپى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسى جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئىككى دۆلەت خەلقى نەپ ئالدى. جۇڭگو سان تومې ۋە پرىنسىپى بىلەن بىرلىكتە تىرشىچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پرىنسىپىنىڭ ئوموميۈزلۈك، ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.