شى جىنپىڭ بىلەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى ئۆز ئارا تېلېگرامما يوللاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى جىبۇتى زۇڭتۇڭى ئىسمايىل ئومەر گۇئېللېخ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2017- يىلى11-ئايدا سىز جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورناتقانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق، بۇلتۇر 9-ئايدا ئېچىلغان ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشقا گۇۋا بولدۇق. مەن جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن جىبوتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى خالايمەن.

گۇئېللېخ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 1979-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى جىبۇتى بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ئۇل سېلىنغان پەيت بولۇپ، مەن 40 يىلدىن بۇيان، جىبوتى جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلغانلىقىدىن مەمنۇنمەن ۋە پەخىرلىنىمەن. 2017 - يىلى 11-ئايدا، بىز بىرلىكتە جىبۇتى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ، جىبۇتى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جىبۇتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بەرگەن ياردىمىغا ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتىىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇردى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جىبۇتى جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېرىششنى خالايمەن.