شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-10 18:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقى 2019 - يىلغا كىرگەن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدىڭىز، بۇ يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىگە بولغان دوستلۇقىڭىزنى تولۇق نامايەن قىلدى. مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن، ھەمدە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە 2018 - يىلى يېڭى تارىخىي سەھىپە ئىچىلدى، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ بىرلىكتە يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئورتاق ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يىل بېشىدىكى ئالدىراش پەيتىدە بىزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىزنى قارشى ئالدى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ھەمدە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يولداش باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاستىدا، بۇلتۇر چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى سەھىپىلەر يېزىپ قالدۇرۇلدى. مەن بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىمدە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يولداش باش شۇجى بىلەن چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا، چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئاكتىپ تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھە بەردى، ھەمدە بۇلتۇر جۇڭگو چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدا زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى شەكىللەندى، سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ۋە ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، چاۋشيەن - ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشىشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئوينىغان مۇھىم رولى ھەممىگە ئايان، چاۋشيەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، چاۋشيەن - ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چاۋشيەننىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، « ئىككى 100 يىل » لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى بار. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويغان بىر يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى نامايەن قىلىپ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئۆتكەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگودا تۆت قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىشلەش روھىي قىياپىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. چاۋشيەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئىنتايىن قىممەتلىك دەپ قارايدۇ، ھەمدە جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجى يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزۈكسىز يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، « ئىككى 100 يىل » لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىشىنىدۇ. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كىم جۇڭئۇننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.



سۆھبەتتىن كىيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى سولجۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى ھەم بىرلىكتە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ مېھمانخانىسىدا كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇننىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوسلۇق ئالاقە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ھەمدە جۇڭگونىڭ چاۋشيەن بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن چاۋشيەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى چەكسىز قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا چاۋشيەن ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يېزىپ قالدۇرۇشنى خالايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، كىم جۇڭئۇننىڭ رەپىقىسى لى سولجۇ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن چۈشلۈك زىياپەت ئۆتكۈزدى.

مۇشۇ ئاينىڭ9-كۈنى كىم جوڭئۇن يەنە بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ پاي چەكلىك شىركىتى تۇڭرېنتاڭ دورىگەرلىك زاۋۇتى يىجۇاڭ شۆبە زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ۋە زامانىۋىلاشقان جۇڭگو تېبابەت دورىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيەسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن، جۇڭگو كومپارتيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى سۇيوڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم يېڭچېل، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاك تەسوڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى يوڭھو، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، خەلق قوراللىق كۈچلىرى مىنىستىرى نوگۇاڭچېل، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تەشۋىقات - سەپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى كىم ئىجوڭ قاتارلىقلار كىم جوڭئۇنغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.