2018-يىلى شىنجاڭدا شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 475 مىڭغا يەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-10 18:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2018- يىلى شىنجاڭدا شەھەر بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 475 مىڭ 800گە ئادەمگە يەتتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2مىليون 805 مىڭ ئادەم ( قېتىم)غا يەتتى، رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ٪ 89.83گە يېتىپ، ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، 2018 - يىلى شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇقىملىق ئىچىدە ئۆرلىتىپ، پائال ياخشىلاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2018 ـ يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا تۈرۈتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى يولىنى ئاچتى. ئالتە بىر تۈركۈم يولى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇپ مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 75 مىڭغا يېتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 92 گە يەتتى.