ئون چوڭ مەركەز كارخانىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كارخانا قۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارى رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۇقۇشىچە، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى، سەنشيا گۇرۇھى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو بىناكارلىق باش شىركىتى، جۇڭگو جۇڭچې گۇرۇھى، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى قاتارلىق ئون ئورۇننى تاللاپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۈلگىلىك كارخانا قىلىپ قۇرىدىكەن.

يېقىندا پىكىر ئېلىنغان «مەركەز كارخانىلىرىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۈلگىلىك كارخانا قىلىپ قۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىن ئايان بولۇشىچە، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى يەنىمۇ ھوقۇق بېرىدىكەن، ئۈلگىلىك كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى، خادىملارنى پايغا ئىگە قىلىش، پاي ھوقۇقىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق دۆلەت كارخانىلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسەتلىرى ئارقىلىق، ئۈچتە باشلامچى بولىدىغان، ئۈچتە ئالدىدا ماڭىدىغان، ئۈچتە ئۈلگە بولىدىغان دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كارخانىلارنى تېرىشىپ قۇرۇشتا ئۈچ يىل ئەتراپىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تېرىشسا بولىدىكەن.

ئون ئۈلگىلىك كارخانا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ كۆپ تۈرلۈك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئالدىنقى مەزگىللىك توك تەقسىماتىنى كۆپەيتىش، سودا ئورگىنى ۋە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە جۇغلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ساھەلىرىدىكى ئىزدىنىش ئاساسىدا، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھات سىنىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى، توكلۇق ئاپتوموبىل، ئۇچۇر خەۋەرلىشىشى، قاتناش كەسپى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىدۇ، يەنە جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بۆلەك بويىچە ئومۇميۈزلۈك پېيىنى بازارغا سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىمۇ يىڭدا ھاۋالە شىركىتىدىن پۈتۈن كەسىپكىچە كېڭەيتىلىدۇ. جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھىمۇ ئۆزىگە قاراشلىق تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكى، كۇئىنلۇن ئېنېرگىيە شىركىتى، بوخەي جابدۇق شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكى قۇرۇلۇش تېخنىكا كەسپىنى مەخسۇسلاشتۇرۇپ قايتا تەشكىللەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۇئىنلۇن ئېنېرگىيە شىركىتى تەبىئىي گاز تېرمىنال كەسپى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بوخەي جابدۇق شىركىتى ياسىمىچىلىق قوشۇلغان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۆۋەن سەۋىيەنى چېكىندۈرۈپ، يادرولۇق كەسىپنى كۈچەيتىدۇ ھەم سەرخىللاشتۇرىدۇ.